باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش %80 ئۆلكىدە قاپلىنىدۇ

2014.06.16 01:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن تۈنۈگۈن فۇجيەننىڭ فۇجۇدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك نوپۇس ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە «ئالتۇن ئادەم» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۆلەت دەرىجىلىك نوپۇس ساغلاملىقى ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا نوپۇس ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ئاساسەن تۈزىلىپ، %80 ئۆلكە، %70 ۋىلايەت، شەھەر ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىناق قىلىنىۋاتقان رايونلاردا ئاساسەن قاپلىنىدۇ، تونۇشتۇرىلىشىچە، دۆلەت مۇكەممەل، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك، بىرتۇتاش نوپۇس ساغلاملىق ئۇچۇرى سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورنىتىدىكەن، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ــ داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش كەسپىنى بىرتۇتاش پىلانلاش بولىدىكەن، دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بولغان « ئالتۇن ئادەم قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇھىم نۇقتىسى ــ يېڭىدىن تۇغۇلغانلارنى تىزىملاش ئۇچۇرى ۋە ئومۇمىي نوپۇس ئۇچۇرىنى ئاساسى لىنيە قىلىپ، بارلىق نوپۇسنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىشكەن، كېيىنكى قەدەمدە بارلىق نوپۇس، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق كېسەل تارىخىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئاممىۋىي ساقلىقنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالاش كاپالىتى، دورا باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قاتارلىق 6 چوڭ كەسىپنى قوللىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، رايون، كەسپ ھالقىغان ساھەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كەسىپى جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا مەدەت بېرىلىپ، ئاھالىلەر ساغلاملىق كارتىسى ئىشلىتىش ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر