باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۆزىگە توپ كىرىگۈزۈۋېلىش ۋەقەلىرى

2014.06.15 23:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە 4 توپنىڭ ھەممىسىنى بىرازىلىيە كىرگۈزگەن بولسىمۇ لېكىن نەتىجە 3:1 بولدى، ھېچكىممۇ بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنىڭ خاتا كىرىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. مارسېلو بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىغا يېزىلدى، چۈنكى ئۇ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپنى كىرگۈزدى، شۇنداقلا بۇ خىل تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  پۇتبول مۇسابىقىسىدە سەپداش بەك مۇھىم، بىر ئادەمنىڭ خاتالىقى بىر كوماندىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئۆزىگە توپ ئۇرۇۋېلىش ئىشلىرى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كوماندا ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىمۇ تەڭ ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە بىز ئىلگىرىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۆزىگە توپ ئۇرىۋېلىش «ۋەقەلىرى»نى سۆزلەپ ئۆتمىز:

  دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپ تىلغا ئېلىغاندا ئېسباكنى چوقۇم ئەسكە ئالىمىز. 1994-يىلى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، كولۇمبىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە رۇمىنىيەگە يېڭىلىپ قىلىپ ئامېرىكىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ھالقىلىق مۇسابىقىدە، 27 ياشقا كىرگەن كولۇمبىيەنىڭ ئاساسلىق توسقاۋۇلى ئېھتىياتسىزلىقتىن توپنى ئۆزىنىڭ ۋارىتاسىغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ، ئاخىرىدا ساھىبخان ئامېرىكا كولۇمبىيەنى 2:1 يېڭىۋالىدۇ، كولۇمبىيە بولسا 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. كولۇمىبىيە كوماندىسى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئېسباك بىر قاۋاتخانىدا توپ مەستانىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ ئۇلار بىلەن ماجرالىشىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنى توپ مەستانىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، بۇ خەۋەر دۇنيانى قاتتىق چۆچىتىدۇ. ئادەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، پۇتبۇل ئەسلى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى، لېكىن پۇتبول توغرىسىدىكى پاجىئەلەر ئۈزلۈلمەي يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنى بىز چوقۇم چوڭقۇر ئويلىشىشىمىز كېرەك.

  ئالماقنىڭ بەرمىكى بار. بىرازىلىيە كوماندىسى ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئۆزىگە توپ ئۇرۇۋېلىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان، لېكىن ئىلگىرى رەقىبى ئۆزىگە توپ ئۇرۇۋالغان، ئەمما بۇ قېتىم بىرازىلىيە ئۆزىگە توپ ئۇرىۋالدى. 1998-يىلدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدا مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە بىلەن شوتلاندىيە 1:1 تەڭلىشىپ قالدى، مۇسابىقە ئاياغلىشاي دېگەندە، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ باشلىقى كافۇ ئوڭ تەرەپتىن تېز سۈرئەتتە قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ ۋاراتاغا توپ ئۇرىدۇ، شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ باشلىقى گىران توپنى توسىۋالىدۇ، ئەمما توپ كېيىن يېتىشىپ كەلگەن شوتلاندىيە كوماندىسىدىكى بويىتنىڭ مەيدىسىگە تېگىپ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا شوتلاندىيە بىرازىلىيەگە 2:1 يېڭىلىپ قالىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىكى ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپ ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

  2006-يىلدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئەنگلىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پاراگىۋاي كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 3 مىنۇت ئۆتكەندە، بېكخام ئەركىن توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، پاراگىۋاي كومانسىدىسىنىڭ باشلىقى توپنى تېپىپ چىقىرىۋېتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزىۋېتىدۇ، ۋاراتانىڭ قولى توپقا تەگگەن بولسىمۇ لېكىن توسىيالمايدۇ، بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپ ھېسابلىنىدۇ.

  بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن توپچىلار ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزگەنلەر يوق دېيەرلىك، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسىنىڭ توسقاۋۇلى يىسا بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزگەن بىردىن-بىر توپچى ھېسابلىنىدۇ.

  1998-يىلدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسى ساھىبخان فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقەلىشىدۇ، فىرانسىيە كوماندىسىىكى دىيوركاف ۋاراتاغا توپ ئۇرىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى ياخشى ئورۇنغا بېرىپ توپنى تۇتىۋالماقچى بولىدۇ، لېكىن توپ توسقاۋۇل يىسانىڭ پۇتىغا تېگىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ھېنرى تەپكەن توپ ۋاراتا سىزىقىنىڭ ئالدىغا كېلەي دېگەندە، يۈگۈرۈپ كەلگەن يىسا توپنى چىقىرىۋېتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزىۋېتىدۇ. بۇنداق سەپداشقا يولۇققانلار قانداق قىلار؟

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى كورىيە كوماندىسىمۇ ئۆزىگە توپ ئۇرۇۋېلىش ۋەقەسىگە يولۇققان. 1986-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە كورىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇچرايدۇ، مۇسابىقە 82 مىنۇت بولغاندا، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئارتوبېلىنىڭ ۋاراتاغا تەپكەن توپى كورىيە كوماندىسىنىڭ توسقاۋۇلىنىڭ پۇتىغا تېگىپ ۋاراتاغا كىرىپ كېتىدۇ، بۇ توسقاۋۇلمۇ ئاسىيا تارىخىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپ ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.

  ئىلگىرى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 10 يىل ۋاراتاسى بولغان سۇبىسارىتا ئۆزىگە ئۇرۇلغان توپ ۋەقەسىنى تولا سادىر قىلىپ، كوماندىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنگەن، 1998-يىلدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە، ئىسپانىيە كوماندىسى نېگىرىيە كوماندىسىغا ئۇچرايدۇ، سۇبىسارىتا ئانچە خەتىرى بولمىغان بىر توپنى توسايمەن دەپ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن كوماندىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر