باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

« غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىلەن شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەڭ مېڭىش» پائالىيىتى باشلاندى

2014.06.16 01:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ئىيۇن ئېلىمىزنىڭ 9-مەدەنىيەت مىراسى كۈنى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ نەچچە 10 ۋارىسى بېيجىڭنىڭ شى دەندىكى مەدەنىيەت مەيدانىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن « غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىلەن شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەڭ مېڭىش» 2014-يىللىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش كۈنى پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  تۈنۈگۈن دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىقارلىقلىرى ئىدارىسى، جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جياڭشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، جىڭدېجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن 2014-يىللىق جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاساسىي مەيدان شەھىرى پائالىيىتى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭ دېجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارسىنىڭ باشلىقى لى شياۋجيې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پەشتاققا ئېلىپ قويۇپ، يۇشۇرۇۋالماستىن، جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش لازىم. مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى تىرىشىپ نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى شۇنداقلا كەڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، موزىي خىزمەتچىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت. سوتسيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلىك دۆلەت قۇرۇشتا بولۇشقا تىگىشلىك ھەرىكەت.

  تۈنۈگۈن شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىسىتېمىسى چۇفۇدىكى لۇ دۆلىتى قەدىمىي شەھىرى، ۋېنشۇي نەنۋاڭ سۇ بۆلۈش تۈگىنى دۆلەتلىك ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورنى باغچىسىغا ۋىۋىسكا ئاستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر