باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

2014.06.16 00:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىنى تىزگىنلىگىلى، كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  شى داگاڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى چىڭ تۇتقاندىلا ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا خوشاللىنارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2009-يىلىدىكى 427 مىليارد 710 مىليون يۈەندىن 2013-يىلى 851 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.5 ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى غەربىي قىسىمنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  بۇندىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2010-يىلىدىن بۇيان ئۇدا بەش يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايون مالىيەسى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن چىقىمنىڭ ئاممىۋى مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %29.7 ئاشتى، ئومۇمىي چىقىم 482 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، سۇ ئېلىكتىر، تاشيول، گاز قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان قىلىنماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر