باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى

2014.06.16 01:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا «2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەمدە ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش كونكىرىت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى يېرىمىدىن ئاشقاندا، مەركەز يەنىمۇ كۈچەپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

  مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروففسسىورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى يېرىملاشتى، ئاساسى قاتلام خىزمىتى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، تەربىيەنىڭ تەلىۋىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ پۇتكۇل تۈزەش داۋامىدا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەھۋال ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەپ، بەزى بوشاشتۇرۇپ قويغانلارنى تۈزىتىشكە يەنىمۇ دەۋەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خاۋ لىشىن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل گەۋدىلىك مەسىلىسىنى يەنىمۇ تۈزىگەندىلا، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  مەركەز تۈگىمەس ھۆججەت ۋە تۈگىمەس يىغىن، تەكشۈرۈش سېلىشتۇرۇپ باھالاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز يىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ قېتىم بېسىپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، يەنە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىمىدا ئاممىنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلگەن ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەشنى تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: ئىستىل ئۆزگەرتىشنى خالىغانچە ئېلىپ بارماسلىق كېرەك، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە خەلق ئاممىىسى رازى بولىدىغان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ پائال قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق، خەلق ئاممىسىغا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىستىلىنى نازارەت قىلىدىغان، باھالايدىغان، ھەتتا ئىنكار قىلىدىغان پۇرسەت ۋە يول ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خاۋ لىشىن مۇنداق دېدى: نازارەت قىلىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى نورمال دېموكراتىك تەرتىپ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئىستىل ئۆزگەرتىشنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر