- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى جەزمىلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى
2014.06.16 01:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 11-ئىيۇن خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ جەزمىلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە،ھازىر بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلگەن.تەييارلىق خىزمەتلىرى پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلىنىپ بولغان ھەمدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى،بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى،جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ،ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئېلىنغان.
تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادا لايىھەنى تۈزۈش كېڭەيتىلىدۇ. ھەمدە باغۋەنچىلىك رايونىدىكى ئاچقۇچ بولغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە دۇنياۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە باغۋەنچىلىك ئۆسۈملۈك سورتلىرى بايلىقىنى تەتقىق قىلىش كۈچەيتىلىدۇ.
2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باغچا رايونى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ ناھىيىسىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، دۇنياغا داڭلىق بولغان بادالىڭ سەددىچىن سېپىلىغا يېقىن. پىلانلانغان ئومۇمىي كۆلىمى960 گېكتار ئىكەن.ۋاقتى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 162 كۈن بولىدىكەن. يېشىل تۇرمۇش،گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر