باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈلىدۇ

2014.06.16 01:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 2014-يىللىق مۇھىت ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋىدىيولۇق تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ يىل مۇھىت ئاسراش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەخسۇس تەكشۈرۈلىدىكەن؛ئېغىر مېتاللار ۋە تېببىي دورا ياساش كەسپى ئەستايىدىل نازارەت قىلىنىدىكەن؛نۇقتىلىق ساھەلەر بۇلغىنىش ئېغىر كەسىپلەردە سۇنىڭ بۇلغىنىشى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدىكەن.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جوۋ شېڭشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىپ، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىش؛ تۈزىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزىتىلىۋاتقانلىرىنى تەلەپ بويىچە ئورۇنلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانى ۋە تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ يولغا قويغاندىن كېيىن، مەخسۇس قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر