باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاناس ئايرودۇرۇمىدا قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى

2014.06.17 01:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئالتۇن پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 8ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېتىۋېتىلگەن قاناس ئايرودۇرۇمىدا 15-ئىيۇن قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 46مىنوت ئۆتكەندە تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىن قاناس ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچتى.

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچىدىن قاناسقا كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىكەن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8دە ئۈرۈمچى ئايرودورۇمىدىن ئۇچۇپ، 8دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە قاناس ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن، 50مىنوت توختىغاندىن كېيىن، قاناستىن ئۈرۈمچىگە قايتىدىكەن. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان بوئىن 737 تىپلىق بولۇپ، 120 كىشىلىك ئىكەن. بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە قېتىم سانىنى تەدرىجىي كۆپەيتىدىكەن.

  شىنجاڭ قاناس مەنزىرگاھى «شەرقتىكى شۋېيتسارىيە»دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قارلىق تاغ، كۆپكۆك كۆل سۈيى، ئىپتىدائىي ئورمانلىق شۇنداقلا رىۋايەتلەردىكى «كۆل ئالۋاستىسى» قاتارلىقلار جۇڭگولۇق چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر