باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.06.17 01:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 16-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنىنى 23-ئىيۇندىن 27-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- سانلىق يىغىنىدا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى داۋاملىق قاراپ چىقىش، گوۋۇيۈەننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى سۈنۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن رايونلاردا جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى لايىھەنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش. گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسىنىيە گىرتسىيگوۋېنانىڭ جىنايى ئىشلار ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسىنىيە گىرتسىيگوۋېنانىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى ۋە سودا ئىشلىرىدا ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەملىشىش شەرتنامىسى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ««جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوسىنىيە گىرتسىيگوۋېنانىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى» توغرىسىدىكى لايىھە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نىڭ قارار لايىھەسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۈنۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش.كومىتېت باشلىقى يىغىنىدا تەكلىپ بېرىلگەن دائىمىي كومىتېتنىڭ 9-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىدىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار: گوۋۇيۈەننىڭ 2013-يىللىق مەركەز نەقچوتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش، 2013-يىللىق مەركەز نەقچوتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش؛ گوۋۇيۈەننىڭ 2013-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە چىقىمىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ پۇل-مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پاتېنت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش، ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش قاتارلىقلار؛

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر