- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جىلىندا سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۈچ ئەمەلدار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كارخانىلاردا يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى
2014.06.17 22:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «جىلىندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۈچ ئەمەلدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئۇچۇر ھەرقايسى تور بېكەتلەردە كەڭ تارقىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
بۇ خەۋەر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 8-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «ج ك پ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ 4-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرگە دائىر ئۆزگەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ «مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئايرىم رەھبەرلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا باش لىدىر بولۇش مەسىلىسى» دېگەن بۆلىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر ئۈچ نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىندى، قالغان ئىككى نەپەر رەھبىرىي يولداش كارخانىدىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر