باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا چېتىشلىق يەتتە دېلودىكى 13 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2014.06.17 22:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، 16-چېسلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش-قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش، ساقلاش، يوشۇش جىنايىتى، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەخمەتنىياز سىدىق، ئابدۇجېلىل مەتناسىر قاتارلىق يەتتە دېلودىكى 13 جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

  بۇ يەتتە دېلودىكى 13 جىنايەتچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېررورلۇق تەشكىلات قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان-قاتناشقان، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمنى پىلانلىغان ۋە قىلغان، خەلق ساقچىسى، كادىر ۋە بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىگە ئېغىز زىيان سېلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر