باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى قىسقارتىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى

2014.06.17 01:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئايدا گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىيى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى» بېسىپ تارقىتىپ، 64 خىل مەمۇرىي تەستىق تۈرى ۋە 18 تارماق تۈرنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى.

  بۇنىڭدىن سىرت گوۋۇيۈەن ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن تەستىقلانغان ئالتە مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپلەرگە ئاساسەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ بۇ نۆۋەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ 5- تۈركۈمدە مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى بولۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە داۋاملىق تاشلىغان پۇختا قەدەم.

  ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۈيجۇ شەھىرى خۈيياڭ رايونىغا ئورۇنلاشقان دىنويا ئۆي جاھازىلىرى تۈر قۇرۇلۇشى تەستىقلاشقا سۇنۇلماقچى بولدى. دەسلەپتە مەزكۈر شىركەتنىڭ مەسئۇلى لىن ئەپەندى بىر يىل تەييارلىق كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىدى، ئويلىمغان يەردىن مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ماتىرياللارنى بىر كۆزنەككە تاپشۇرسىلا، قالغان رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېجىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  خۈيياڭ رايونىنىڭ بۇ مىسالى جۇڭگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ بىر كارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتتىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن توققۇز قېتىم قىسقارتىلدى، سەككىز قېتىم سۈرئىتى تېزلىتىلدى، 2013-يىلى 12-ئايغىچە، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى %91 قىسقارتىلدى، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىدىن باشقا تۈرلەر %81 قىسقارتىلدى، شەھەر دەرىجىلىك قاراپ چىقىپ تەستىقلاشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى 6665 خىزمەت كۈنى قىسقاردى.

  2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇدا توققۇز تۈركۈم قېتىم جەمئىيەتكە مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەشنى ئېلان قىلىپ، قىسقارتىش نىسبىتى %40 كە يەتتى، ھازىرقى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش تۈرىنىڭ %35 تىن كۆپرەكىنى قىسقارتىش ئىسلاھات نىشانى باسقۇچلۇق مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2013-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېنىقلاش تۈرى مۈندەرىجىسى ئاساسىدا، 2014-يىلى يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يىل ئىچىدە گوۋۇيۈەنگە سۇنۇمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: بازاردا رىقابەت يېتەرلىك، كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى بار، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنى ۋاستە ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەڭشەپ كونترول قىلغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى پىرىنسىپ جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ باشقۇرۇشنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر تۈركۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇمىز ياكى كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى پۇۋمىن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا باشقۇرۇشنىڭ قۇرۇق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، يەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات تارماقلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن تۈرلەرنى ھەقىقىي باشقۇرالايدىغان، ياخشى ئۆتكۈزۋالىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر