باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىدىغانلار ئازايدى

2014.06.17 01:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەملىكەتلىك قانۇن بويىچە دەرىجىگە ئاساسەن ئەرز قىلىش خىزمىتى تېلىۋىزىيە تېلىفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقىشىچە، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى بېسىپ تارقاتقان «ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ئەرز قىلغىلى كەلگەنلەرنى قانۇن بويىچە دەرىجىگە ئاساسەن ئەرز قىلىشقا يېتەكلەش چارىسى» بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئوڭۇشلۇق بولغان، بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىدىغانلار ۋە كونا ئەرزچىلەرنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئازايغان، ئەرزگە كەلگەنلەرنى قۇبۇل قىلىش ئورنىنىڭ تەرتىپىمۇ كۆرىنەرلىك ياخشىلانغان.

  دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ئېنشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5-ئايدا، مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەرزگە كەلگەن ئاممىنى تىزىمگە ئېلىپ قۇبۇل قىلىش قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئازايدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى تىزىمگە ئېلىپ قۇبۇل قىلغان ئادەم قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.4 ئازايدى، ئۆلكە دەرىجىلىك تىزىمگە ئېلىپ قۇبۇل قىلغان ئادەم قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئازايدى، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك تىزىمگە ئېلىپ قۇبۇل قىلغان ئادەم قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ۋە %4.2 ئازايدى، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشى بىر قەدەر كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ شياۋچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىدۇ، «چارە»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرسىز بولۇش، بېجىرىش داۋامىدا كۆز بويامچىلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش، ساختىلىق قىلىش، ئاممىنىڭ دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىشى ھەتتا ئەسەبىي ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تىپىك دېلولالارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئىنتىزام جازاسىغا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر