باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تيەنجىن خېبىىي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ھەمكارلىق بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

2014.06.17 02:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ھەمكارلىق تۇنجى بىرلەشمە يىغىنى يېقىندا تيەنجىندە ئېچىلدى. يىغىندا ئۈچ جاي چەتئەللەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ كېڭەشتى ھەمدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. تۆت مېخانىزم بەرپا قىلىپ ئۈچ جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى ئالماشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

  1.ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىسكىلاتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ،تۈر ۋە ئىختىساسلىقلار ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇچۇر بايلىقىنى ئالماشتۇرىدۇ.

  2. سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئالاقە باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي قەرەللىك سىياسەت ئالدىن تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن چىقارغان سىياسەت ئەھۋالىنى قەرەللىك ئۇقتۇرىدۇ. سىياسەت جەھەتتە ئۆز ئارا ئۆگىنىدۇ ۋە ئەينەك قىلىدۇ.

  3.مۇۋەپپەقىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.ئۈچ جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىكى ئاساسلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

  4.قەرەللىك ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. يېرىم يىلدابىر قېتىم بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش بىرلەشمە يىغىنى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىدە بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ،ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر