باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويولىدۇ

2014.06.17 02:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەملىكەتلىك نوپۇس ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى نەق مەيدان يىغىنىدا دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كارتىسى ۋە يىراق مۇساپىلىق داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جۇڭگولۇقلارنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرىنى بىر قاراپ بېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەر ساغلاملىق كارتىسى سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ساغلاملىق ئۇچۇرلاشتۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي رامكىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بارلىق ئەزالارنىڭ نوپۇس، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق كېسەللىك تارىخى ئامبىرى قۇرۇش؛ ئاممىۋى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالاش كاپالىتى، دورىلارنى باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپى قوللىنىىشچان سىستېما قۇرۇش؛ دۆلەت ئۆلكە، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك نوپۇس ساغلاملىق ئۇچۇرى ئۇنىۋېرسال سەھنىسى قۇرۇپ، ئۆلكە، كەسىپ ھالقىغان ساھەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولۇش ۋە كەسپىلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، قوللىنىشچان ئاھالىلەر ساغلاملىق كارتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش. 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرغىچە، %80 ئۆلكە، %70 ۋىلايەت شەھەر ۋە بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر