باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

28-ئۆكتەبىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2014.06.17 01:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 16-ئىيۇن بېيجىڭدا 28-ئۆكتەبىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا 1- سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئايرىم ئايرىم تېررورلۇق تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى ۋە خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئومۇمنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى قاتارلىق بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، جاۋابكار ھۆسەنجان ھوشۇر، يۈسۈپ ئۆمەرنىياز، يۈسۈپ ئەخمەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش؛ تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئومۇمنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى قاتارلىق بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، جاۋابكار گۈلنار توختىنىياز، بۈۋىجەننەت ئابدۇقادىرغا ئايرىم ئايرىم مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش؛تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن توختى مەخمەت، تۇرسۇنجان ئابلىز، ئابلا نىيازغا ئايرىم ئايرىم مۇددەتلىك 10 يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش ھۆكۈمى چىقاردى.

  سوت كوللېگىيىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، 2011-يىلىدىن باشلاپ،جاۋابكار ھۆسەنجان ھوشۇر، يۈسۈپ ئۆمەرنىياز، يۈسۈپ ئەخمەت ئوسمان ھەسەن قاتارلىقلار بىلەن شېرىكلىشىپ زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتنى نىشان قىلىپ، ئەزا توپلاپ، تەدرىجىي تېررورلۇق تەشكىلات شەكىللەندۈرگەن. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12دە ئوسمان ھەسەن قاتارلىق ئۈچ كىشى دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى كىشىلەرنى سوقۇپ، بىگۇناھ ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلىشى، 39 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى پەيدا قىلغان. ئوسمان ھەسەن، گۈلقىز غېنى ، قۇۋانخان رېھىم نەق مەيداندا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر