باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئارمىيىسى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ۋە ب د ت دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكى

2014.06.15 23:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئىيۇن ياپونىيە جۇڭگونىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، جۇڭگودىن ئىلتىماسنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ يولسىز ئارىلىشىشىنى قۇبۇل قىلمايدۇ، ئالاقىدار ئىلتىماسىنىمۇ قايتۇرۇۋالمايدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى مەقسىتى تارىخنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1992-يىلى دۇنيا خاتىرىسى پىلانىنى تۈزگەن ھەمدە دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكىنى تەسىس قىلغان، تىزىملىك دۇنيا دەرىجىلىك، رايون دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قول يازما، كۈتۈپخانا ۋە ئارخىپخانىلاردا ساقلانغان قىممەتلىك ھۆججەتلەر ھەمدە ئېغىزاكى بايان قىلىنغان تارىخىي خاتىرە قاتارلىقلار كىرگۈزىلىدۇ.

  جۇڭگو دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكى ئىلتىماسىغا ئىزچىل ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى، نۆۋەتتە توققۇز ھۆججەت مىراسى تىزىملىككە تاللاپ كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارغا ئالاقىدار تارىخىي ئارخىبلار ھەقىقىي، قىممەتلىك بولۇپ تارىخىي قىممەتكە ئىگە، ئالاقىدار ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  ئىلتىماس قىلىشنىڭ مەقسىتى تارىخنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزىدىغان، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىش.

  دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكى- يوقىلىش گىرۋادىغا بېرىپ قالغان خاتىرىلەرنى قۇتقۇزۇش، ئورنىنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان ھۆججەت مىراسلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر يەر شارىدا نەچچە يۈز پارچە ھۆججەت تىزىملىككە تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ، مەڭگۈلۈك ئىنسانلار خاتىرىسىگە ئايلاندى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى تور بېكىتىدە مۇنداق دەپ يازدى: مەدەنىي مىراسلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆججەتلەر مىراسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە، شۇڭا ئۇنى يېتەرلىك قوغداش كېرەك. دۇنيا خاتىرىسى پىلانى ھۆججەتلەر مىراسىنى سېفىرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ بۇ تارىخىي ئارخىپلارغا دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكىنى ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلغانلىقىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى نومۇسقا چىقىدىماي غەزەپلىنىپ كەتتى. ياپونىيە كابېنتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى سۇگارى تاكاشى يېقىندا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيە بۇ ئىشنى جەزمىلەشتۈرمەكتە، ئەگەر جۇڭگونىڭ بۇ ئىلتىماسىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بارلىقىنى جەزمىلەشتۈرسە، ياپونىيە ئېتراز بىلدۈرىدۇ ھەمدە جۇڭگودىن ئىلتىماسنى قايتۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  سۇگارى تاكاشى 11 -ئىيۇندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ ھەمدە جۇڭگودىن ئىلتىماسنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ يەنە بىر قېتىم دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن سىياسىي مۇددىئا ئۈچۈن پايدىلىنىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدىكى مەنفى مۈلىكنى يامان غەرەزدە گەۋدىلەندۈردى، ياپونىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىكى جۇڭگو ئارمىيىسى ۋە خەلقىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ياپونىيە گەرچە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، ئەمما كونكىرت ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى ھەققىدە خىلمۇ خىل سۆزلەر بار،دېدى.

  ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگونىڭ يۇقارقى ئۇسۇلى تارىخي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، توكيو رادىيو شىركىتى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: كورىيە ھۆكۈمىتىمۇ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارنىڭ تارىخىي ماتىرياللىرىنى دۇنيا خاتىرە تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلدى، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارالىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تارىخ مەسىلىسى توغرىسىدا ياپونىيەگە بېسىم ئىشلىتىش بولۇشى مۈمكىن.

  ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ياپونىيە ئارمىيىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئىشلەتكەن ھەربىيلەرگە ئەگىشىپ يۈرگەن پاھىشىلەر ۋە ياپونىيە ئارمىيىسىگە جىنىسىي مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ تارىخ ئالمىلىرى بۇ ئاساسلىقى ئالداش ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق بولغان دەپ قارىدى. ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان زور كۆپ قىسىم ئاياللار جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، جۇڭگونىڭ تەيۋەن، ياپونىيەنىڭ ئۆزىدىن بولۇپ، يەنە ريۇكيۇ، ئاسىيا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئا ياللىرىمۇ بار. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگونىڭ تارىخ ئالىمىلىرى «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخى» نى نەشىر قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدا مەجبۇرىي ئىشلەتكەن جۇڭگو، چاۋشيەندىن كەلگەن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارنى جىنىسى قۇل دەپ ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر