باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بوز يەر ئېچىپ چېگرا رايوننى قوغداش بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدۇ

2014.06.09 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى14-دىۋىزىيىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى ماخمۇت مەتۋەلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن غەم يېيىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش مەقسىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇش خەۋەر.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار،ئىشچى خىزمەتچىلەر، ئامما يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بەس بەستە بىلدۈردى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى چى جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىغىننىڭ روھى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.شۇنداقلا شىنجاڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى خىزمەتلەر ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۆتكۈر قورال.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ شىنشياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇقىملىقى، 13- بەش يىللىق پىلان،زور كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ،ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرى لى لىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇرۇچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قىزىل مەدەنىيەت، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، چېگرا رايون مەدەنىيىتىنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇشتىكى ئۈستۈنلۈكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەدەنىيەت تاراتقۇ تەرەققىيات ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قارمىقىدىكى رايوندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 15ئۆلكە، ئاپتونوم ئوبلاست، شەھەردە چارلاش ئېھتىيات قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەر قايسى دىۋىزىيىلىرى ۋە مەيدانلىرى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، ھەر قايسى سەزگۈر مەزگىلدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمغا ۋاقتىدا ماسلىشىپ، تۈرلۈك مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى پائال ئورۇنلاپ، يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر