باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەندا شەھىرىدىكى تېز تاماقخانىنى پارتىلىتىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

2014.06.10 02:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، سۇيخۇا شەھىرى، ئەندا شەھىرىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۇدا 18 سائەت رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق، 9-چېسلا سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا، ئەندا شەھىرىدىكى دېكىس تېز تاماقخانىسىنى پارتىلىتىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى جۇ شىبىننى داچىڭ شەھىرى لۇڭفېڭ رايونىدا قولغا چۈشۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى جۇ شىبىن بۇ يىل 34 ياش، خاربىن شەھىرى خۇلەن رايونىدىن بولۇپ، ئىشسىز ئىكەن.

  دېلودىن خەۋەردار بىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇ شىبىن پوجاڭزىغا ئىشلىتىلىدىغان مىلتىق دورىسىدىن ياسىغان پارتلاتقۇچنى جېڭياڭ 4-كوچىسىدىكى دېكىس تېز تاماقخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ئاندىن جېڭياڭ 5-كوچىسىدىكى دېكىس تېز تاماقخانىسىغا بېرىپ، 4- كوچىدىكى تېز تاماقخانىغا تېلېفون قىلىپ، بومبا ئورنىتىپ قويغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن بەرمىسە، بومبىنى پارتىلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر