- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا 3300 يىل بۇرۇنقى ئىشتان بايقالدى
2014.06.09 09:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو-گېرمانىيە ئارخىلوگلىرى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ياڭخى قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى تەتقىق قىلغاندا، كاربون بىلەن يىلنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىككى قۇرۇق جەسەتنىڭ ئىشتىنىنىڭ 3300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشتاننىڭ ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمى ئىشتان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئارخىلوگلار بۇ بايقاش ئىشتاننى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر مەخسۇس ئات مىنىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان دېگەن قاراشنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، دەپ قارىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر