- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 25 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى چۈشتى
2014.06.11 13:04 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، مايدا ئۈرۈمچىدىكى 1-دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرىدا نازارەت قىلىنغان 30 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى ئاپرېلدىكى توپ سېتىش باھاسىدىن %19.09 چۈشكەن .
كاللەك يېسسىۋېلەك ، تەكىيە كاۋىسى قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھا تۆۋەنلەش دەرىجىسى %40 ئەتراپىدا بولغان . ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى مۇنداق مۆلچەرلىدى : « باش يازدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ، ھۆل–يېغىن مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ، يۇرتىمىزدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە توشۇلۇشىغا پايدىلىق ، شۇڭا كۆكتاتلارنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن » . ئۇنىڭدىن باشقا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ئازراق چۈشكەن بولۇپ ، كالا ۋە توخۇ گۆشىنىڭ باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان . ئەگەر شەھەر ئاھالىسى كۆكتات ياكى گۆش سېتىۋالغاندا مال باھاسىنىڭ سەۋەبسىزلا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئالاقە مەركىزىگە ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن . ئالاقىلىشىش نومۇرى 96577
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر