باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بايانى ئۈزۈندىسىنىڭ چەتئەل تىلى نەشرى تارقىتىلدى

2014.06.09 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەھرىر-تەرجىمە ئىدارىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بايانىنىڭ ئۈزۈندىسىنى ئىنگلىز، فرانسۇز، رۇس، ياپون، ئەرەب قاتارلىق ئالتە تىلغا تەرجىمە قىلدى؛ بۇنى چەتئەل تىل يېزىق نەشرىياتى رەسمىي نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

  يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدىكى بايانىدا بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق غايە ئىنتىلىشىنى جانلىق ئوبرازلىق ئىپادىلىدى. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك گۈزەل ئىستىقبالىنى تەسۋىرلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە بۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى مەزمۇن ۋە دەۋر روھى قوشتى. شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بايانى ئۈزۈندىسىنىڭ چەتئەل نەشرى يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ تۇنجى تىلى نەشرى بولۇپ ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنىشى ، ئىچكى مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  تەرجىمانلار چەتئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتى، چۈشىنىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلى تېكىستىگە سادىق بولۇش ئاساسىدا، ھەر قايسى تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق تەرجىمە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانىنىڭ مۇكەممەل مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش، جانلىق سۆز ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر