چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى››نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ خانىمى رى سولجۇ تىدوڭگاڭ مېۋىلىك دەرەخلەر ئۇنىۋېرسال مەيدانى ۋە تىدوڭگاڭ مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن
چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى››نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ خانىمى رى سولجۇ تىدوڭگاڭ مېۋىلىك دەرەخلەر ئۇنىۋېرسال مەيدانى ۋە تىدوڭگاڭ مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. پارك بوڭجۇ، خۋاڭ پيوڭسۇ، لى جىئىل قاتارلىق رەھبەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولغان.
كىم جوڭئۇن ئالدى بىلەن تىدوڭگاڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، چاۋشيەننىڭ سابىق رەھبىرى كىم جوڭئېلنى يادىغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بۇ يەرگە كېلىپ، ئىختىيارسىز ‹‹سورتلۇق ئالما چېچەكلىگەندە، ئىنتىزارمەن قايتىپ كېلىشىڭگە›› دېگەن مىسرالارنى ئەسلەپ قالدىم، دېگەن. كىم جوڭئۇن كۆزىتىش پەشتىقىدىن چەكسىز كەتكەن مېۋىزارلىققا ۋە تاغ باغرىغا جايلاشقان ئولتۇراق ئۆيلەرگە، شۇنداقلا پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىگە نەزەر تاشلاپ، بۇ يەرنى خۇددى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ‹‹غايىۋى جەننىتى››، كىشىلەرنىڭ غايىسىدىكى كەنت، دەپ ماختىغان. كىم جوڭئۇن مېۋە مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە مېۋە تەتقىقات تارماقلىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.