شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئىيۇن، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى يىغىن سارىيىدا ئەنگلىيە پارلامېنت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئايال پادىشاھنىڭ سۆزى يېڭى بىر يىللىق پارلامېنت خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا يېڭى بىر يىللىق پارلامېنت ئۈچۈن كۈنتەرتىپ تۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.