باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىدۇر

2014.06.05 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 3-ئىيۇن بېيجىڭدا «كەسىپ بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىي كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈشكە ۋە رىقابەت كۈچىنىڭ ئۇزاققىچە ئېشىشىغا، مىليونلىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇ مائارىپ مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئىدىيەنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش نىشانىنى ياخشىلاپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە ماھارەتلىك قوللىنىشچان تېخنىك خادىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئادەم كۈچى بايلىقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ۋە «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تېرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي كېڭىشى ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جازى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ۋە مەسلىھەتلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، تۈزۈلگەن سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر