باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان 13 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، تور ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

2014.06.06 08:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بەش مىللەتتىن بولغان 13 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى «ۋەتەن، شىنجاڭ، ساڭا ئېيتاي» دېگەن تېمىدا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، ۋەتەننى، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. يېقىندىن بۇيان، بۇ ماقالە توردا كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىپ، مىڭلىغان تور ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  بۇ ماقالىنى شىۋېتسىيە ئۇمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەرھابا ئەنەيتۇل يوللىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق ياشلار تور ئارقىلىق دوستلاشتۇق، يېقىندا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەن بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل ساداسىنى ئاڭلىتىشنى تەشەببۇس قىلدىم، كۆپچىلىك ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەسىراتىنى يېزىپ، پىكىرلىرىنى بايان قىلدى، ئاخىرىدا مەن رەتلەپ ئېلان قىلدىم. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر