باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىلاننى دېموكراتىك تۈزەش ئۈچۈن كەمتەرلىك بىلەن پىكىر ۋە تەكلىپ ئاڭلىدى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمەت دوكىلاتى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.10.29 23:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى: ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜمىتى ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮى ﺟﺎﯞ ﺩﯦﺮﯗ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪىكى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 2015 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰمىتى ﺩﻭﻛﻼتى»نى ﺗﯜﺯﯛﺵ ﮔﯘﺭﯗپپىسى ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، 10 ـ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ـ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 15 ـ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻧﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪىكى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘتى، ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯽ 1 ـ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﭘﻮﻻﺕ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﭘﻮﻻﺕ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﺎﺯىسى، ﺑﻪﺧﺖ ﺷﻪﮬﻪﺭﭼﯩﺴﯩﺪىكى ﻛﻪﭘﻪ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﺷﺎﻳﺎﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪىكى ﻛﯧﺸﯩﻦ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﺠﯘﺍﯓ، ﺟﯩﻨﺸﯧﯔ (ﻳﯜﺷﻴﺎﯓ) ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺰﺍﺭلىقى، ﺗﻮﻳﺒﻮﻟﺪى ﺑﺎﺯﯨﺮى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ(ﺷﻪﮬﻪﺭ)ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﮬﯟﺍلىنى ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، 2015 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰمىتى ﺩﻭﻛﻼتى»نى ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪىنقى ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰمىتىنى ﻳﺎخشى ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪى .

  ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍسى، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﯞﺍلىيسى ﺗﺎﯓ ﺷﯩﭽﯜﻥ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭىسى، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ـ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻛﻮمىتېتى، ﺝ ﺥ ﺋﯩﺪﺍﺭىسى، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭىسى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ، ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮى ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎشتى ﻳﺎكى ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﺪى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر