باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» موسكىۋادا باشلاندى

2014.10.29 22:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى چەتئەل مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە پەسلى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە 2014-يىللىق «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» 25-ئۆكتەبىر دۆلىتىمىزنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا باشلاندى، بۇ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ دۆلەت باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى.

  شۇ كۈنى ئەلچىخانىدا گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبئىي مەنزىرىسى، لەرزان يىپەك يولى كۈيلىرى، جۇشقۇن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى كۆپچىلىككە باشقىچە بىر شىنجاڭنى ھېس قىلدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر