خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زامانىۋىي ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «رابىيە-سەئىدىن» بىرىنچى نويابىر قەشقەر يېڭىشەھەر تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئوينىلىدۇ.
«رابىيە-سەئىدىن» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مۇھەببەت رېۋايەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، داستاننى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن مەشھۇر كلاسسىك شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى يازغان، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى ئەھمەد زىيائىي «رابىيە-سەئىدىن» دىرامىسىنى يېزىشقا باشلىغان. بۇ قېتىم ئوينىلىدىغان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسى ئىلگىرىكى دىرامىلار ئاساسىدا زامانىۋىي تۇرمۇش ئېلىمېنتلىرى قوشۇش ئاساسىدا قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە بۇ ئوپېرانىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى نۇسخىلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا نۆۋەتلىشىپ قويۇلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى