دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ماي كەچتە شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى ئاسىياغا دۇنيادىكى ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان تۈزۈمدە ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆركەشلەپ ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشتىكى ئالدىنقى ماكانى، جانلىنىش ماكانىغا ئايلاندى. ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشى-بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندى. ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى ئېرىشكەن تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى بىرلىكتە قەدىرلەپ، ئاسىيانىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ مۇستەھكەملەپ ۋە قوغداپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزلىرىگە مەنسۇپ شان-شەرەپنى بالدۇرراق كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى-قاپلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ بىخەتەرلىك مۇنبىرى بولۇپ، ئاسىيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، مەدەنىي سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ كۈچ ئۇلاش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش قارارى-جۇڭگونىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تىنچلىققا كۈچ چىقىرىش، تىنچلىقنى قوغداشتىكى يەنە بىر ئەمەلىي تەدبىرى. بىز ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى تارىخىدا بىر ئېسىل سەھىپە ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىش، ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش، تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مۇقىملىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان يېڭى ئاسىياغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىن كېيىن، «ئىتتىپاق، ئىناق ئاسىيا-كەلگۈسىگە بىرلىكتە يول ئالايلى» ناملىق ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى شاڭخەي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كېچىلىك ئېپوس خاراكتېرىدىكى «يىپەك يولى ئارزۇسىنى ئىزدەش» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. «دوستلۇق نۇرى» ناملىق ئوركېستىرغا ئەگىشىپ، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلدى. «گۈزەل باغ» ناملىق ئويۇندا جۇڭگونىڭ رەڭدار ئەلنەغمە سەنئىتى نامايان قىلىندى. «قومۇش پۆپۈكى» ناملىق ئويۇندا، ئانا يۇرت، ئانىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئىپادىلەندى. ئەنئەنىۋى مىللىيچە ئۇسسۇل «سامادا پەرۋاز»دا تەڭرىتېغى ۋە جۇمۇلاڭما چوققىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە زاڭزۇ خەلقىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. كېچىلىك «ئەتىمىز ئۈچۈن» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئاياغلاشتى