باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپىغا كىرگۈزىلىدۇ

2014.06.06 08:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى قائىدىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئىمتىھاندا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا، «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە تىزىملىنىش سالاھىيىتى ياكى قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغاندا ۋە كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغان ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ؛ ئوقۇشقا كىرىپ بولغانلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى قەتئىي بىكار قىلىنىدۇ. مائارىپ سىستېمىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان خىزمەتچىلەر ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ، قەتئىي كەڭچىلىك قىلىنمايدۇ؛ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر