باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يازنىڭ ئۈچ ئىشى بولغان يازلىق يىغىم يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى

2014.06.09 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە،نۆۋەتتە خۇاڭخې-خۇەيخې، چاڭجياڭ-خۇەيخې قاتارلىق ئاساسلىق بوغداي ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلار زور كۆلەملىك ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرگەن. 5-ئىيۇن 412 مىڭ كومبايىن ئىشقا سېلىنغان؛كومبايىن بىلەن ئورۇلغان كۆلەم تۇنجى قېتىم كۈنىگە 20 مىليون مو يەردىن ھالقىپ، 24مىليون 30 مىڭ مو يەرگە يەتكەن.

  ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 147 مىليون مو يەردىكى بوغداي يىغىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە كومبايىن بىلەن ئورۇلغان كۆلەم 126 مىليون مو يەرگە يەتكەن. خۇبېي ئۆلكىسىدە ئورما ئاياغلاشقان، ئورمىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى خېنەن ئۆلكىسىدە %70دىن ئاشقان، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە %60، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تەخمىنەن %40، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە تەخمىنەن %20 گە يەتكەن؛ سەشى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدا ئورما ئەمدىلا باشلانغان.ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تارماقلىرى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەشكىللەپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ،بوغداينى رايون ھالقىپ ئورۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگەن.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى يازلىق يىغىم، تېرىم ۋە پەرۋىش ئىشلىرى مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىدىغان ماينى نۇقتىلىق قاچىلاش پونكىتىدىن 700دىن كۆپرەكنى تەسىس قىلدى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ماي قاچىلاش يېشىل يولىدىن 500 دىن كۆپرەكنى ئاچتى. ئەنخۇي ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىلىرىگە تايىنىپ، بەش يۈزدىن كۆپرەك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش يىغىۋېلىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى.خېنەن ئۆلكىسى بوغداينى كومبايىن بىلەن يىغىۋېلىش نۇقتىلىق رايونلىرى،كېسىشىدىغان يول نۇقتىلىرىدا 400 دىن كۆپرەك كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلدى. خۇبېي ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خەۋەرلىشىش ئۇچۇر سەھنىسى ئارقىلىق، رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىدىغان كومبايىنلارنى ئۇچۇر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر