باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت يۇقىرى پەللە مۇنبىرى ئېچىلدى

2014.06.09 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم پائالىيەتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 2014-يىللىق جۇڭگو فىرانسىيە مەدەنىيەت يۇقىرى پەللە مۇنبىرى 6-ئىيۇن پارىژدىكى بىرانلىي يەرلىك سەنئەت موزىيىدا ئېچىلدى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مۇنبەر مەزگىلىدە، جۇڭگو ياۋروپادىكى ئىلىم-پەن، ئادىمىيەت، مائارىپ، نەشرىيات، سەنئەت، مەدەنىيەت باشقۇرۇش، لايىھەلەش قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن مېھمانلار يېڭىلىق يارىتىشچان ئادىمىي جەمئىيەت ئەڭ خىرىسقا ئىگە دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى ياڭ جىجىن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇنبەردە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىدىيە ساھەسى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ۋە فىرانسىيەلىك ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىلىپ، جۇڭگو فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر