- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ سىسىنىڭ مىسىرنىڭ زوڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2014.06.09 08:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇن تېلېگرامما يوللاپ،ئابدۇل پاتاخ سىسىنىڭ مىسىرنىڭ زوڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر جۇڭگو بىلەن تۇنجى قېتىم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 58 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر ساغلام مۇقىم راۋاجلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچى مۇستەھكەم؛ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى قويۇق، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى ئەركىن؛خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ماسلىشىدۇ ھەمدە ھەمكارلىشىدۇ. جۇڭگو مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن ئاخىر ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق نۇقتى نەزەردە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى ۋە راۋاجلاندۇردى. مىسىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر