باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلار ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا

2014.06.09 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە ئېلىنىدۇ، مىللىي رايونلار كەينى-كەينىدىن تەدبىر قوللىنىپ، لايىھە تۈزۈپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  2014-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن رەسمىي باشلاندى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە يېقىندىن مۇلازىمەت قىلدى. قاتناش ساقچى ئەترىتى يەنە ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم سوراش قىزىق لېنىيىلىك تېلىفونى ۋە ئۇقۇچىلار يولغا چىقىش مەسلەھەت سوراش تېلىفونىنى ئېلان قىلدى. ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك قاتناش باشقۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى چارلاش ماشىنىسى، ساقچى موتسىكلىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى يول بۆلەكلىرىدە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ماشىنىلارغا يېشىل كارىدور ئېچىپ بەردى، ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىش مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ماشىنىسى تەسىس قىلدى، ئىمتىھان قەغىزى توشۇش ماشىنىسىنى ئالدى بىلەن ماڭغۇزۇش، جىددىي ئەھۋاللاردا، BRT ئاپتۇبۇسى يولىدا مېڭىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  4-ئىيۇن ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىي «2014-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، بايقالغان 18 مەسىلە ھەققىدە بىرمۇ-بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ئىمتىھاندىن بۇرۇن رەتكە سېلىپ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىنچ ئامان ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىزاڭدا بۇيىل 19 مىڭ 625 ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %71 نى ئىگىلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شىزاڭدىكى زور كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن زاڭزۇ ئەدەبىياتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن، زاڭزۇ ئەدەبىياتى ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن خەنزۇ ئەدەبىياتى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ھەرقايسىسى ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئومۇمىي نەتىجىسىدە %50نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ يىل شىزاڭدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى چارلاش گۇرۇپپىسى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئىمتىھاننى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، ئىمتىھان ئېلىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلدى.

  7-ئىيۇن جىلىن ئۆلكىسىدىكى 160 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى 180 ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسىدىكى 5238 ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ ئىمتىھان بەردى. ئامانلىق ساقلاشتىن تارتىپ، قاتناشقىچە، مۇھىت ئاسراشتىن تارتىپ، سەھىيە تارماقلىرىغىچە ئالاقىدار تارماقلار تەييارلىقنى ياخشى قىلدى، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئىچى-تېشى ئىناقلىق ۋە مىھرى –مۇھەببەتلىك كەيپىياتقا تولدى.

  ئىمتىھان مەزگىلىدە، جىلىن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلىكتە ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى يول، ماشىنا ۋە ئادەملەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، راۋان قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. چاڭچۇن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا 3 تىن ساقچىنى دىژورنىلىققا قويدى، چارلاش موتسىكلىت ئەترىتىمۇ تولۇق ئىشقا چۈشتى. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىكى نازارەتچىلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ ئىمتىھان بېرىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. چاڭچۇن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى چارلاش ماشىنىسىدىن ئىككىنى سەپلىدى، ھەرقايسى قۇتقۇزۇش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسى جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، بىئارام بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرزامان قۇبۇل قىلىشقا تەق بولۇپ تۇردى.

  ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەرقايسى تارماقلار ۋە جايلاردىن كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان رايونلاردىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىن مەكتەپ ياتاق بىخەتەرلىكى، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، زاپاس ئىمتىھان مەيدانى، ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ماشىنا قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تىنچ ئامان، ئوڭۇشلۇق قاتنىششىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر