باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئالاھىدە رايونلاردا ئوقۇش تارىخى قۇيۇۋېتىلىدۇ

2014.06.09 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا 2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە قاراشلىق ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇن؛ ھەر قايسى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ناھىيە، خوشۇن؛ ھەر قايسى ئاپتونوم ئوبلاستقا قاراشلىق ناھىيە، خوشۇن؛ گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ بېكىتكەن مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا قاراشلىق ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، رايون ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، رايون قاتارلىق رايونلار دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىغاندىكى ئوقۇش تارىخى شەرتىدە ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپى مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى شەرتىنى قويۇۋەتسە بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىتودېنىتلىرى دۆلەتنىڭ 2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملاتقاندا مەكتەپنىڭ قېلىپلاشتۇرغان ئىسپاتى ۋە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بىلەن تىزىملىتىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىلىدۇ. تىزىملاش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئىمتىھان 9-ئاينىڭ 20-، 21- كۈنى ئىككى كۈن ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر