باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ئورگىنالىدىن ئاشكارە پىكىر ئېلىندى

2014.06.09 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى گوۋۇيۈەننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ئورگىنالى 6-ئىيۇندىن ئېتىبارەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئۇچۇرى تورىدا ئېلان قىلىندى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھىسىدىكىلەردىن ئاشكارە پىكىر ئېلىندى.

  بۇ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى يولغا قويۇلغان 22 يىلدىن بۇيان 3-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزىلىشى. دۆلەتلىك نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىزاھاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش يېتەرلىك بولمىغان، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئۈنۈملۈك توسۇلمىغان، ئاپتورلارنىڭ ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلمىغان؛ ئەسەر ھوقۇقىنى بېرىش مېخانىزمى ۋە سودا قائىدىسى راۋان بولمىغانلىقتىن، قوللانغۇچىلارنىڭ ھوقۇققا قانۇنلۇق، تېز، ئۈنۈملۈك ئېرىشىشى ۋە ئەسەرنى تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قېيىن بولغان. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ھوقۇق سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھوقۇق بېرىش مېخانىزمى ۋە بازار سودىسى قائىدىسى تەڭشىلىپ، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر