- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى
2014.06.09 09:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇن 2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاش ۋاقتى 16-ئىيۇندىن 5-ئىيۇلغىچە بولىدۇ. توردا تىزىملاش شەكلى يولغا قويۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 2015-يىلى تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرىدىغان ئىستودىنتلار 2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملاتقاندا مەكتەپنىڭ قېلىپلىق ئىسپاتى ۋە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر