- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدىكى %40 كەنت سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەنمەيدۇ
2014.06.09 09:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى كەنت بازار قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خۈي 5-ئىيۇن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى %40 كەنت سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەنمەيدۇ؛ كۆپلىگەن كەنت ئىچى يوللىرى قاتتۇرۇلمىدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، يېزىلار بىلەن شەھەرلەر جەزمەن تەڭكەش تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېزا قۇرۇلۇش سېلىنما مېخانىزمى يەنىلا بىر قەدەر نوقۇل، كەنتلەرنى پىلانلاش يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن يىراقلىشىش ئەھۋالى نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە.جاۋ خۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاشتا مۇنداق ئۈچ خىزمەتنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئىكەن:
1.دېھقانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى يەنى سۇ، يول،خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش.
2.كەنت مۇھىتىنى تۈزەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش.3.ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان كەنت قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر