باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات مىۋىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزەيلى

2014.06.09 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز يۇقۇرى قاتلام لايىھەسىدىن باشلاپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات مىۋىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى.

  ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قېيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گو ۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى رەتكە سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەمملەشلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، باشقا جايدا داۋالانغاندىن كېيىن ھېسابات قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ئلگىرى سۈرۈپ، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق 5 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا « يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى يىتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزىلىرىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇ، ئىچىملىك سۇ ۋە يول قاتارلىق ئاساسىي شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، ياشاش مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىىن پاكىز، رەتلىك، قولايلىق قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، گۈزەل، ياشاش مۇھىتى ياخشى بىر تۈركۈم كەنتلەرنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئىقتىساد كاساتلىشىشنىڭ بېسىمى ئاستىدىمۇ، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 4 مىليون 730 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 30 مىڭ كىشى كۆپەيدى.

  كۈتۈنۈش ئىشلاھاتىدا، شەھەر-يېزا بىر لېنىيەلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، بارلىق خەلق ئاممىسىنى كۈتۈنۈش كاپالىتىدىن ئادىل بەھرىمان قىلىشنى قارار قىلدى.

  داۋالاش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشماقتا. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەت ھۆكۈمەت قارمىقىدا بولمىغان داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى قويۇۋېتىپ، جەمئىيەتنى داۋالاش ئورگانلىرى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۇشنىڭ بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىگە كىرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇشتىكى زىدىيەتلەرنى پەسەيتتى.

  كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەن كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمى ئورنىتىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. يېقىنقى مەزگىلدە، كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىدا شاھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، تەقسىم قىلىشتىكى پەرىقنى كىچىكلىتىش، كىرىمنى تەقسىم قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئىسلاھات يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، سىياسەت، تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان كىرىم تەخسىماتى قېلىپىنى بەپرا قىلىش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. مالىيە مىنىستىرى لۇۋ جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خەلق تۇرمۇشى باشتىن ئاخىرى مالىيە چىقىمىدا مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق تۇرمۇشى چىقىمىدا تۆۋەن چەك ساقلىنىپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «گۈل ئۈستىگە گۈل چېكىشكە ئەمەس، مۇھتاجلىقنى ھەل قىلىش»قا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر