باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچۇر ۋە تور بىخەتەرلىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئاياغلاشتى

2014.06.09 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئاچقان ئۇچۇر ۋە تور بىخەتەرلىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 5-ئىيۇن بېيجىڭدا ئاياغلاشتى. بۇ جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق يىغىن. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى باۋدوڭ سۆز قىلىپ جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە ئەمەلىيىتىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايرىم دۆلەتلەر تور مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئۆز پايدىسىنى دەپ باشقا دۆلەتلەرگە ئۆلچەم قويماقتا. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. ئايرىم دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق ئۈستىدە ئويلىنىشى لازىم. زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولۇۋېلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئاساسسىز ئەيىبلىمەسلىكى ۋە قارا چاپلىماسلىقى لازىم. ھەمدە بۇ ساختىلىق ۋە زومىگەرلىكىنى تۈزىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر