خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىن چىقىپ جەنۇبىي تاغ ئىچىگە كىرىپتۇ ، ئەگرى-بۈگرى يوللاردا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ، يېشىل گېلەمدەك ئوتلاق ۋە ئېگىز ھىمالايا كېدرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتر ئېگىزلىككە يەتكەندە ، تاغ چوققىسىنى قارقاپلىغان .تاغ ئىچى تۇمانلىشىپ كەتكەن؛ تاغدىكى ئوتلاقتا ، كالا-قويلار ئازادە يايلاۋېتىپتۇ ، مەنزىرە گۈزەللىكىدىن خۇددى جەننەتكىلا ئوخشاپ قاپتۇ،خەۋەردە دېيىلىشىچە، 3-ماي سەھەردە جەنۇبىي تاغدا ئازراق يامغۇر يېغىپتۇ، لېكىن تاغ ئۈستىدە قار يېغىپتۇ، مۇخبىر تاغ ئۈستىدىكى ئوتلاققا ئازدېگەندە 3 سانتىمېترچە قېلىنلىقتا ياغقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى