4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:10 دا، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسقا 30 مىنۇتتا يامغۇرنىڭ مىقدارى 280 مىللىمېتىرغا يەتكەن، قىسمەن پىيادىلەر يولى ۋە تۆت كوچا ئېغىزلىرىدا 20 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ يىغىلىپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ئاقسۇ شەھىرىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرى، ئولتۇراق رايونلاردا توك توختاپ قالغان بولۇپ ، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خادىملار توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.