باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ

2014.06.05 09:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى 2014-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل كۈزدە يېڭىلاشنى قارار قىلغان ئەخلاق تەربىيەسى، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار ئۈچ تۈردىكى دەرسلىك كىتابنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، باشقا نۇسخىلارغا ئالماشتۇرۇشقا بۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى موي قەلەم دەرسلىكى «خەتتاتلىق مەشىق يېتەكچىسى» 2015-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى خىزمىتىنىڭ 2014-يىللىق مۇھىم نۇقتىلىرىغا ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىغا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق دەرسلەردە يېڭى دەرسلىك ئىشلىتىشى ھەمدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ تۈزۈتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى. تۈنۈگۈنكى ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئەخلاق تەربىيەسى، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ تېخى تۈزۈلمىگەنلىكىنى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئەسلىدىكى نەشرىيات نەشر قىلغان دەرسلىك ماتېرىيالى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، باشقا نۇسخىدىكى ماتېرىياللارغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر