3-ئىيۇن ، ‹‹ئىناقلىق ›› ناملىق تېز سۈرئەتلىك پويىز لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە سىناق قاتنىدى .شىنجاڭلىق پويىز خادىملىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار ھەمدە يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى .
لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ ، ئۈرۈمچىدە ئاخىرلىشىدۇ ، پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي 31 بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، گەنسۇ ، جىخەي ، شىنجاڭنى بېسىپ ئۆتىدۇ ، ئەڭ يۇقىرى ۋاقىتلىق سۈرئىتى 250 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1776 كىلومېتىر بولۇپ ، دۇنيادىكى بىر قېتىمدىلا تاماملانغان ، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ