2-ئىيۇن ، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىلىرى قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدا يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ، 30 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۆيىدە سۇ توختاپ قالغان . تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى جىددىي ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاھالىلەرگە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن . نۆۋەتتە ، 30 مىڭ ئاھالىنىڭ ۋاقىتلىق سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان . نۆۋەتتە ، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى جىددىي رېمونت قىلىنىۋېتىپتۇ .