خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى ئايشىگۈل مۇھەممەدنىڭ «ئىناقلىق ناخشىسى» ئاساسىي تېمىسىدىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى 29 – ماي شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتە ئايشىگۈل ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئېنگلىز، ئۆزبېك تىللىرىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق كىلاسسىك ناخشىلار، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن بولۇپ 20 گە يېقىن ناخشا ئورۇندىدى.
سۈرەتتە: ئايشىگۈل مۇھەممەد ناخشا ئېيتماقتا.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى