باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جابىر بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.05 09:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كۇۋەيتنىڭ باش ۋەزىرى جابىر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىدە: ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ، دېگەن گەپ بار. بۇ جۇڭگو كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى بېسىپ ئۆتۈپ، باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ياخشىلار شېرىكلەر، جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۇۋەيت بىلەن بىرگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو غەربى ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، بىز خەلقئارادا يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئوتتۇرا شەرقتە يادروسىز رايون قۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز، ھەرقانداق شەكىلدىكى يادرو قورال تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىمىز. جۇڭگو كۇۋەيتنىڭ رايون ئىشلىرىدا پائال رول ئوينىشىغا مەدەت بېرىدۇ، كۇۋەيتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، جۇڭگو بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  جابىر مۇنداق دېدى: كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىغا، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىشىگە قەتئىي مەدەت بېرىدۇ. كۇۋەيت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. كۇۋەيت جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقى رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدان تۇتقانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر