- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو–ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى
2014.06.09 16:20 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 5 – ئىيۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ‹‹يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئەرەب خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى يىپەك يولىدا مىللەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغان. ھازىر، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئورتاق بۇرچ ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت، يېڭى پەللە بىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشقان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئەرەب خەلقىنىڭ ئالاقە تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى بىلەن دېڭىزدىكى ئىپار – ئەنبەر يولى يادىمىزغا كېلىدۇ. مىڭ يىللار مابەينىدە يىپەك يولىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش – كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش – ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش – تەڭ پايدا ئېلىش روھى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، مەدەنىيەت، ئالاقە ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش تارىخىدا مۇھىم سەھىپىلەرنى قالدۇرغان.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن، كېيىنكى ئون يىل تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئورتاق بۇرچ ۋە خىرىس ئالدىدا، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاللاشقا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، تىنچ سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز زۆرۈر.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش يولى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى يىپەك يولىدا ئۆز ئارا بىلىشىپ دوست بولۇشقان، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىدىكى تەبىئىي ھەمراھلار. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق تەقدىر گەۋدىسىنى ياراتتى، ھەم يىراققا نەزەر تاشلاپ، ھەم قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ‹‹1+2+3 ›› ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يەنى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى يادرو، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشنى قانات، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە سۈنئىي ھەمراھى، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۇقىرى، يېڭى ساھەنى يېڭى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سودا سوممىسىنى بۇلتۇرقى 240 مىليارد دوللاردىن 600 مىليارد دوللارغا، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلىرىدىكى زاپاس سېلىنمىسىنى بۇلتۇرقى 10 مىليارد دوللاردىن 60 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈپ، جۇڭگو – پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشىنى كېڭىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا تايىنىشى ھەم ئۇنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى 2014 – يىلى ۋە 2015 – يىلىنى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق يىلى قىلىپ بېكىتىپ، بىر يۈرۈش دوستلۇق – ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا، ئەرەب دۆلەتلىرىگە يەنە 6000 ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەپ بېرىمىز. كېيىنكى ئون يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى 10 مىڭ سەنئەتكارنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى 200 مەدەنىيەت ئاپپاراتىنىڭ نىشانلىق ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز ۋە مەدەت بېرىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قۇرۇش جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى نەزەردە تۇتۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. ئىككى تەرەپنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشتەك يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇنبەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۇۋەيت باش ۋەزىرى جەبىر، يىغىننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ رەئىسى، ماراكەشنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەمكارلىق ۋەزىرى مېزوئار، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مەدھىيەلىدى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇنبەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن دېڭىز يىپەك يولى چاقىرىقىنى ھىمايە قىلىپ، جۇڭگو دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر