9-ئىيۇن سەھەر سائەت 2:30 ئەتراپىدا ، يۈننەن ئۆلكىسى چۇشيوڭ شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ زىيۈن كوچىسى 64-نومۇرغا جايلاشقان تاشيول كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئائىلىكلەر قۇرۇسى 3-بىنا 1-كورپۇس 401-ئۆيدە گاز پارتلاپ ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، تۆت ئادەم يارىلانغان .